-
2011-08-17
تەشۋىقات – تەربىيە تىزىسى - [مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى]
قەشقەر شەھرىدە يۈز بەرگەن «30-ئىيۇل» بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق دېلوسىغا توغرا قاراش توغرىسىدىكى تەشۋىقات – تەربىيە تىزىسى
قەشقەردىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، تېخىمۇ گۈزەل يۇرت – ماكان بەرپا قىلىش ئىشەنچىسىگە تولغان كۈنلەردە ، بىر ئۇچۇم زوۋان ، تېرورچى ئۇنسۇرلار قەشقەر شەھرىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان «30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق دېلوسىنى پەيدا قىلىپ ، ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزدى. مەزكۇر تەشۋىقات تىزىسى ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ، زوراۋان ، تېرورچى كۈچلەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ۋە قەبىھ ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇش ، ھەر مىللەت كادىرلار ، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەركىتىنى مەركەز ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى يوليۇرۇقىنىڭ روھى ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئۈستىدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، كۆزنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ،قەشقەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمەنلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە يىتەكلەش ئۈچۈن تۈزۈلدى.
(1) 2011- يىلى 7- ئاينىڭ 30- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21 ئەتراپىدا قەشقەر شەھىرى تاربوغۇز يولىدىكى «ئانا دىيار» دوختۇرخانىسى ئەتراپىدا بىر «سوڭخۇاجياڭ » ماركىلىق مىنبۇس پارتلاپ ئوت كېتىپ ، ئاپتومبىلدىكى بىر ئۇيغۇر ئەر قازا قىلدى. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئاپتومبىلدىكى ئىككى كىشى نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن .
شۇ كۈنى كەچ سائەت 23 ئەتراپىدا ئىككى نەپەر قارا نىيەت قەشقەر شەھرى «ئېسىل تائاملار كوچىسى» دوقمۇشىدىكى قاتناش بەلگە چىرىغى ئالدىدا نۆۋەت ساقلاپ تۇرغان «يۆجىن» ماركىلىق تاق رەت ئورۇندۇقلۇق يۈك ئاپتومبىلىنىڭ خەنزۇ شوپۇرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن، يۈك ئاپتومبىلىنى بۇلاپ «خەيتيەن جوڭخۇا ئولتۇراق رايۇنى » ئۆي سېتىش ئورنى ئىشىك ئالدىغا ھەيدەپ كېلىپ يول بويىدىكى بىگۇناھ ئاممىنى سوققاندىن كېيىن ، ئاپتومبىلدىن چۈشۈپ قولىدىكى پىچاق بىلەن يول بويىدىكى ئاممىنى چاناپ ، جەمئىي سەككىز نەپەر بىگۇناھ ئامما ئۆلۈش ، 27 نەپەر بىگۇناھ ئامما يارىلىنىشتەك قانلىق ۋەقەنى سادىر قىلدى . بىر قارا نىيەت نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، يەنە بىرى يارلاندۇرۇلۇپ قولغا چۈشۈرۈلدى .
7-ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 16 ئەتراپىدا قەشقەر شەھرى «شىياڭشيې » كوچىسى يېڭى رايۇنىدىكى بىر ئاشخانا پارتلاپ ئۆت كەتتى . ج خ خەلق ساقچىلىرى ، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇۋاتقاندا ، ئوت كەتكەن ئۆيدىن بەش نەپەر جىنايەت گوماندارى ئېتىلىپ چىقىپ پىچاق بىلەن ئاممىنى چاناشقا باشلىدى . ج خ خەلق ساقچىلىرى كەسكىنلىك بىلەن ئوق چىقىرىپ نەق مەيداندا تۆت جىنايەت گۇماندارىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى . بىرسى يارلاندۇرۇلۇپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلدى . بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئۈچ نەپەر خەلق ساقچىسى يارىلاندى . ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق دېلوسىدا جەمئىي تۆت بىگۇناھ ئامما قازا قىلىپ ، 14 كىشى يارىلانغان . نەق مەيداندىن جەمئىي ئۈچ دانە ئورغاق ، ئىككى دانە قېڭراق ، ئىككى دانە خەنجەر ، بىر دانە ئۇزۇن پىچاق قولغا چۈشۈرۈلگەن . دېلو سادىر قىلىپ قېچىپ كەتكەن ئىككى نەپەر جىنايەت گۇماندارى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر شەھرى ئەتراپىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
بۇ ئۈچ قېتىملىق زوراۋانلىق ، تېرورلۇق دېلوسى «30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق دېلوسى دەپ ئاتىلىدۇ؛ بۇ جەمئىي 12 نەپەر بىگۇناھ ئاممىنىڭ قازا قىلىشى ، 41 نەپەر بىگۇناھ ئامما ۋە ئۈچ خەلق ساقچىسىنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇ دېلو تەشكىللىك ، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ، نىشانى ئېنىق، ئۇسۇلى ئاددى ، ۋاستىسى قەبىھ بولۇپ ، ئاقىۋىتى بىلەن ھىساپلاشمىغان ، زىيىنى ئېغىر بولغان ۋەقە . ئۇلارنىڭ مەقسىتى خەنزۇ ئامما توپلاشقان سورۇنلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش بولۇپ ، ئاۋال كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ، تەييارلىق كۆرۈپ ، ئالدى بىلەن پارتلىتىش ۋەقەسى توغدۇرۇپ ، قالايمىقانچىلىق پايدا قىلىپ ، ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى شۇ يەرگە تارتقاندىن كېيىن ، ئاندىن ئاپتومۇبىل بىلەن سوقۇپ ، بېسىپ ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭى ، كۆيدۈرگۈچ بوتۇلغا بىلەن پارتىلىتىش ۋە پىچاق بىلەن قاتىللىق قىلىش شەكلى ئارقىلىق دېلو سادىر قىلىش . بۇ قىلمىشنىڭ ۋەھشىيلىكى ئالەمدە يوق ، ئادەمنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ.
بۇ ھەرگىز تاسادىبى يۈز بەرگەن دېلو ئەمەس ، بۇ بىر ئۇچۇم دۈشمەنلەر نۆۋەتتىكى ئالاھىيىدە ۋەزىيەتتە تەشكىللەپ، پىلانلىق يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر زوراۋانلىق ، تېرورلۇق جىنايى ھەركىتىدۇر . بۇنىڭ يۈز بېرىش سەۋەپلىرى مۇرەككەپ ، بۇنىڭدا زوراۋان ، تېرورچىلاردا « 5- ئىيۇل » ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان ئۆچ ئېلىش پىسخكىسى بار ، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيە ۋە چەت ئەلنىڭ قۇتراتقۇلىقىنىڭ سڭېىپ كىرىشىنىڭ تەسىرى بار ، يەنە يېقىنقى مەزگىلدە نورۋېگىيەنىڭ ئوسلۇ شەھرىدە يۈز بەرگەن پارتىلىتىش ، ئېتىۋېتىش دېلوسى ، خوتەندە يۈز بەرگەن « 18- ئىيۇل» دېلوسىنىڭ بىۋاستە تەسىرى بار . جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىقرا قىلىشىچە ، مەزكۇر شايكىنىڭ كاتىۋېشى ئىلگىرى پاكىستانغا قېچىپ چىقىپ « شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى » تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان ھەمدە قۇرال ، پارتلاتقۇچ ياساشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن چىگرا ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرگەن. بۇ شايكا ئەزالىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇپ ، جاھىللارچە «غازات قىلىش » ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغان ، مەخپى رەۋىشتا پارتىلىتىش قۇرۇلمىسى ياسىغان ، زوراۋانلىق ، تېرورلۇق ھەركەتلىرىنى پىلانلاپ پەيدا قىلغان ، ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش ، مىللەت ئارىسىغا زىدىيەت سېلىش بولۇپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىن بۆلۈپ چىقىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بالايى ، ئاپەتكە دۇچار قىلىش .
(2) «30- ئىيۇل » بىر قاتار زورانلىق ، تېرۇرلۇق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ، گوۋۇيۇەننىڭ سەمىمى غەمخورلىقى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ، قەشقەردىكى پارتكوم ، ھۆكۈمەت ، ئارمىيە ، ساقچى ۋە خەلق بىرلىكتە جەڭ قىلىپ ، كەسكىن تىنچىتىپ، دۈشمەنلەرنىڭ زوراۋان قىلمىشىنى تىز بېسىقتۇرۇپ ، دېلونى ۋاقتىدا پاش قىلىپ ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش ۋەكونتۇرۇل قىلىشنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىپ ، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ ، نۇرمال جەمئىيەت تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، قەشقەرنىڭ خاتىرجەم ، ئىتتىپاق كېتىۋاتقان ئىجتىمائى ۋەزىيىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى .
پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ، گوۋۇيۇەن «30- ئىيۇل » بىر قاتار زورانلىق ، تېرورلۇق دېلوسىنى تىنچىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى . 7- ئاينىڭ 31- كۈنى باش شۇجى خۇ جىنتاۋ مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ ، كۈچ تەشكىللەپ تىزلىكتە پاش قىلىش ، ئىچكى ئەھۋالنى چوڭقۇر قېزىش ، چىگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالاقىلىشىش يوللىرىنى ئېنىقلاش ، قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ، نوقتىلىق رايۇنلارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كۈچنى زورايتىش ، ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
8- ئاينىڭ 1- كۈنى ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش جۇ يۇڭكاڭ ئۆزى بىۋاستە مەركىزى كومىتېت مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ ، باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى . ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى . ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزى سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ لېچۇەن، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ، ج خ مىنىستىرى مېڭ جىيەنجۇ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىمۇ ۋاقتىدا يول يورۇق بەردى . مەركىزىي سىياسى – قانۇن كومىتېتى ، مەركەز مۇقىملىق قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى ئىشخانىسى ، دۆلەتلىك تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسى ئىشخانىسى ، ج خ مىنىستىرلىقى ، قۇراللىق ساقچى قىسىم باش ئىشتابى رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان خىزمەت گورۇپپىسى ۋە مەخسۇس كىشلەرنى قەشقەرگە ئايرىپىلاندا بېرىپ دېلونى رازۋىدكا قىلىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى . مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى قەشقەرگە كۆپەيتىپ ، دۈشمەننى چۈچۈتۈش سالمىقىنى زورايتتى . 8- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ چۈنشىيەن ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى چاقىرىپ ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە قاراتملىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان 12 تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرىنى كۆرستىپ بەردى . ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، رەئىس نۇر بەكرى قەشقەرگە كېلىپ ، ۋىلايىتىمىزنىڭ «30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلدى . يارىلانغان بىگۇناھ ئامما ۋە قىسىمدىكى ئوفىسسىر ئەسكەرلەر ، ج خ خەلق ساقچىلىرىنى سەمىمى يوقلاپ ھال سورىدى ؛ بىخەتەرلىك ، ئالدىنى ئېلىش ۋە دېلو پاش قىلىش خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. قەشقەردىكى ۋىلايەتلىك ، شەھەرلىك پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى دېلو يۈزبەرگەن تۇنجى ۋاقىتتا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرگە جىددى تاقابىل تۇرۇش لاھىيىسىنى يولغا قويۇپ ، نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى . ج خ ، قۇراللىق ساقچى ، خەلق ئەسكەرلىرى قاتارلىق كۈچلەرنى تېز يۆتكەپ ، نەق مەيداننى كونتۇرۇل قىلدى . يارىلانغانلارنى جىددى قۇتقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇردى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېز سۈرئەتتە ۋىلايەتلىك كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ ، ناھىيە (شەھەر)، تارماق ، ئورۇنلارغا دېلو ئەھۋالىنى تىزلىكتە ئۇقتۇرۇپ ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى . ج خ كادىر – ساقچىلىرى ، قۇراللىق ساقچى قىسىم ۋە بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 3- شىسىدىكىلەر تەڭ قەدەمدە ھەركەتلىنىپ ، دەل ۋاقتىدا دېلو يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ، دېلنى تەكشۈرۈش ۋە رازۋېدكا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى . نەق مەيداندىكى پارتلاش خەۋىپىنى تۈگەتتى . چارلاش ، كونتۇرۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ ، گۇمانلىق يىپ ئۇچى ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى تەكشۈرۈپ ، رەتكە تۇرغۇزدى. ھەمدە قەشقەر شەھرى بىلەن ئەتراپتىدىكى ۋىلايەت (ئوبلاست) ۋە ناھىيە شەھەر ئوتتۇرىسىدا چازا قۇرۇپ توسۇپ ، جىنايەت گۇماندارىنى سۈرۈشتە قىلىپ تەكشۈردى . ھازىر «30- ئىيۇل » ئېغىر زوراۋانلىق، تېرورلۇق جىنايەت شايكىسىنىڭ 10 ئەزاسدىن سەككىزى نەخ مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى ، ئىككىسى تىرىك قولغا چۈشتى ، بىرسىمۇ قېچىپ كېتەلمىدى . ج خ ئورگىنىمىز قولغا چۈشۈرگەن، ئىككى قولى قانغا بويالغان جىنايەت گۇماندارلىرى خەلق ۋە قانۇن تەرپىدىن قاتتىق جازالىنىدۇ . « 30- ئىيۇل » ئېغىر زوراۋانلىق ، تېرۇرلۇق دېلوسىنىڭ كەسكىن بېسىقتۇرۇلغانلىقى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ، گوۋۇيۇەن ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دانا ۋە توغرا رەھبەرلىكىدىن بولدى . بۇ نەتىجە قەشقەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ، ھۆكۈمەت ۋە كادىرلار ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەتتە بولۇپ ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرغانلىقىغا مەنسۇپ ؛ ج خ ، قۇراللىق ساقچى ۋە ھەربى قىسىملارنىڭ قۇربان بېرىشتىن قۇرۇقماي ، دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىدىغان ياراملىق ساپاسى ۋە ئالىيجاناپ روھىغا مەنسۇپ .
«30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق دېلوسىدا 12 نەپەر بىگۇناھ ئامما ھاياتىدىن ئايرىلدى ، 41 بىگۇناھ ئامما ، ئۈچ نەپەر خەلق ساقچىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلاندى . يارىلانغانلارنى دەسلەپكى چاغدىلا قۇتقۇزۇش ، ھايات قالغانلارغا تەسەللى بېرىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىن ئويلاشقان ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ زۆرۈر ئىشى بولدى. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋىلايەت ، شەھەردىكىلەر تىزلىكتە كۈچ تەشكىللەپ ، يارىلانغان ئامما ۋە خەلق ساقلچىلىرىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونۇم رايۇننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە كېلىپلا دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىلانغان خەلق ساقچىلىرى ۋە ئاممىنى سەمىمى يوقلاپ ، قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا داۋالاش تېخنىكىسى يۇقۇرى بولغان دۆلەت ئىچىدىكى تېببى داۋالاش مۇتەخەسسىلەر ئەترىتىنىڭ قەشقەرگە كېلىپ داۋالاش ، قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۆزى بىۋاستە ماسلاشتۇردى.
ھازىر ، يارىلانغان 41 نەپەر ئامما ، ئۈچ نەپەر خەلق ساقچىسىنىڭ ھاياتى خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتى . ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ۋە ھايات قالغانلارغا تەسەللىي بېرىشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ، ۋىلايەت ، شەھەرلىك پارتكوم ، ھۆكۈمەتلەر تىزلىكتە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گورۇپپىسى تەشكىللەپ ، قابىل كادىرلارنى ئاجرىتىپ ، « ئاخىرەتلىك ئىشلارنى تۈگەتمىگىچە مۇناسىۋەتنى ئۈزمەسلىك » پىرىنسىپى بويىچە ، ھەر بىركادىرغا يارىلانغانلار ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا « بىرگە بىر » شەكلىدە خىزمەت ئىشلەش ، بىگۇناھ قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ۋە ھايات قالغانلارغا تەسەللى بېرىشتىكى ئىدىيىۋى يىتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئېنىق تاپشۇردى . ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئاپتونۇم رايۇن جىددىي 10 مىليۇن يۇەن پۇل ئاجراتتى . يارىلانغان ۋە مال – مۈلۈكى زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا نەپىقە پۇلى ۋە قۇتقۇزۇش يارىدەم پۇلى بېرىش ئىشىدا ۋىلايەت ۋە شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ، ئەدلىيە ، ئىجتىمئىي كاپالەت ، مالىيە قاتارلىق تارماقلار سىياسەت بويىچە تۆلەم بېرىش ، قۇتقۇزۇش چارىسىنى تۈزدى ، شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاممىغا ئالدى بىلەن 200 مىڭ يۇەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى بەردى . ھازىر تۈرلۈك خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىۋاتىدۇ . بەختسىزلىككە ئۇچرىغان سەككىز ئەدەمنىڭ جەسىتى دەپىنە قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ . ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ كەيپىاتىمۇ مۇقىملاشتى . مال – مۈلۈكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان تىجارەتچىلەرنى ھۆكۈمەت سىياسەت بويىچە يۆلەپ ۋە قۇتقۇزۇپ ھەم يارىدەم بېرىپ ، زىياننى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىپ ، ئۇلارنىڭ قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى تىزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشقا يارىدەم بېرىدۇ .
خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشى بولمىغان بولسا ، بىز بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىدە يېڭى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمەيتۇق . « 30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئامما باشتىن ئاخىر پارتىيە ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ ، زوراۋان ، تېرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنسىز جىنايىتى قولىدا ئۆتكۈر پىچاق تۇتقان ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشى دۈشمەن ئالىدىدا ھەر مىللەت ئاممىسى قىلچە قورۇقماي ، جاسارەت بىلەن دۈشمەنگە تاشلاندى. دېلونى پاش قىلىش جەريانىدا ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن ئۇچۇر ، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ ، مۇھىم رول ئوينىدى، ھەر مىللەت ، ھەر ساھەدىكى كىشلىرى زوراۋان ، تېرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى ھەركەتلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەپ، غايەت زور جامائەت پىكىرى كەيپىياتى ھاسىل قىلدى . قانلىق ۋە يالقۇنلۇق كۈرەش ئەمەلىيىتى خەلق ئاممىسىنىڭ بىزگە كۈچ بولىدىغان مەنبە ، غەلبە قىلىشىمىزدىكى ئاساس ئىكەنلىكىنى ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچىمىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى . بىز بۇنى چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلەيمىز ، مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز .
«30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىز دەل ۋاقىتدا تېلېۋىزۇر ، رادىئو ، گېزىت ، تور قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا نوپۇزلۇق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ ، ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېچىپ بېرىپ ، جامائەت پىكىرىنى توغرا يىتەكلەش بىلەن بىر چاغدا خەۋەرلىشىش يوللىرىغا بولغان نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ ، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى توسۇپ ، جەمئىيەتتىكى ۋەھىمىنى تۈگۈتۈپ ، كىشىلەرنى تىز خاتىرجەم قىلدۇق. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا سەگەك تۇرۇش ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ، « كىملەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ، كىملەر بىزنىڭ قېرىندىشىمىز » ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇش ، غەزەپ – نەپرەتنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى زوراۋان ، تېرورچى ئۇنسۇرلارغا قارىتىش ، قان – قەرزىنىڭ ھېسابىنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى زوراۋان، تېرورچىلاردىن ئېلىش ، دۈشمەنلەرنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىش ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشتەك جىنايى سۈيقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بەردۇق . ۋىلايەت ، شەھەرلەردىن ياراملىق كادىر ئاجرىتىپ خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ ، ئاساسى قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقان ئائىلىرىگە بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاممىغا يۈز تۇرانە تەشۋىقات ئېلىپ باردۇق . ھەرقايسى ئورۇن ، يېزا، كەنت كوچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى ، مەكتەپ قاتارلىق ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن ئۆز ئورنىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق . سودا – سانائەت ، باج قاتارلىق تارماقلار قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش ، بازار ئېچىشقا يىتەكلەپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ نۇرمال ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىپ ، خەلق خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىدىغان ، مۇقىم ۋە ئىناق بولغان ئىجتىمائى ، سىياسى مۇھىت يارىتىشقا ھەسسە قوشتى.
«30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق ۋەقەسىنىڭ ۋاقتىدا كەسكىن تىنىچقانلىقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە خەلق دېمۇگراتىيە دىكتاتۇرسىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ، سوتسىيالىزىم شارائىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ دۈشمەنگە قارشى تۇرىدىغان كۈچ – قۇدرىتىنى ، قەشقەر ئازات بولغاندىن بۇيان ، بۇلۇپمۇ ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىش ئېلىپ بېىرلغاندىن بۇيانقى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتنىڭ غايەت زور كۈچىنى تولۇق نامايەن قىلىپ ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك زور ھۆكۈمى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ ئىنتايىن توغرىلىقىنى ، ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ئسىلاھات ، تەرەققىياتىنى توتۇشتىكى زور تەدبىرلىرىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلغانلىقىنىڭ تارىخىي ئاساسى ، ئىدىيىۋى ئاساسى ، مەدەنىيەت ئاساسى ، ئىقتىسادى ئاساسىنىڭ پولاتتەك يىمىرىلمەس ئىكەنلىكىنى ، « ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ قەشقەردە « كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قاپتۇ » دېگەندەك ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ قىلىقىنىڭ ھىچ كىشىگە ياقماي ، چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈردى.
(3) «30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق ۋەقەسى گەرچە ئېغىر ئىجتىمائى تەسىر پەيدا قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ بىر قىسىم زوراۋان ، تېرورچىلارنىڭ جىنايى ھەركىتى قەشقەردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پۇختا ئاساسىنى ، ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مۇقىملىقنى ئويلاش ، ئىتتىپاقلىقنى كۆزلەش ، تەرەققىياتقا ئىنتىلىشتەك قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ . ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىتتىپاق ، مۇقىم ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئومۇمىيلىقىنى تەۋرىتەلمەيدۇ .
«30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق ۋەقەلىرى بىزنى قەشقەردە بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەت ، كەسكىن ، مۇرەككەپ بولىدىغانلىقىنى ، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى . بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باقمايدۇ . زوراۋان ، تېرورچىلار پەقەت مەڭگۈ بىر ئۇچۇملا ، خالاس . ئۇلار ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ، ئۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ قالمايدۇ ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئاسمان – زېمىننى ئۆرۈۋېتەلمەيدۇ . ھاكىميەت ، ئارمىيە ۋە ئەلرايى بىزنىڭ قولىمىزدا . دۈشمەنلەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىنى قىلغان ھامان چوقۇم قاخشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرايدۇ ، ئۆزىنى – ئۆزى ھالاك قىلىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ . «30- ئىيۇل » بىر قاتار زوراۋانلىق ، تېرورلۇق ۋەقەسى دۆلەت قانۇنىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى . ئېلىمىز قانۇن – تۈزۈملۈك سوتسىيالىستىك دۆلەت . قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشقا ، خەلقنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ . كىم بولىشىدىغان ، قايسى مىللەتتىن بولىشىدىن ، قانداق مەقسەتتە چىقىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە كىشى قانۇن – ئىنتىزامغا چوقۇم بويسۇنۇشى ، ئۆزىنىڭ سۆز ھەركىتىنى چوقۇم قانۇن بويىچە چەكلىشى شەرىت.
دۆلەت قانۇنىنى ئاياقئاستى قىلغان ، ئىجتىمائى تەرتىپنى بۇزغان ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلىكىنىڭ بىخەرلىكىگە زىيان سالغان ھەرقانداق ئادەم چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت چوقۇم ئادالەتنى ياقىلاپ، ھەققانىيەتنى قوللاپ،ھەرمىللەت قېرىنداشلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بۇ بىر ئۇچۇم جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازاغا تارتىدۇ.ھەرقانداق يامان ئادەمنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ.بىگۇناھ ئاممىنىڭ قېنى ھەرگىز بىكارغائاقمايدۇ.
مۇقۇملۇق-ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.جەمئىيەت ئىناق بولمىسا،دۆلەت گۈللىنىپ ،قۇدىرەت تاپمىسا،خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت-سائادىتىمۇ بولمايدۇ.ھەرقانداق مىللەت ۋە ھەرقانداق ئادەم قورقۇنچ ۋە مالىمانچىلىق ئىچىدە ياشاشنى خالىمايدۇ.ھەرمىللەتتىكى ئاق كۆڭۈل ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قان تۆكۈشنى،زوراۋانلىقنى راۋا كۆرمەيدۇ.ئىجتىمائى موقۇملۇقنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇش،قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ موھىم،ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپىسى.ۋىلايىتىمىزدىكى ھەرمىللەت پارتىيە ئەزالىرى كادىرلار ۋە ئامما ئىددىيە ۋە ھەركىتىنى مەركەز،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر،ئورۇنلاشتۇرشى ۋە ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرشى ئۈستىدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ،يۈكسەك سىياسى ئاڭ،لۇشىيەن سىياسى مەيدان،ئاڭلىق ئەمەلىي ھەركەت ئارقىلىق، بۆلگۈنچىلىك،بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىگە قەتئى قارشى تۇرۇپ،قەشقەرنىڭ ئىناق،مۇقۇم بولغان ئىجتىمائى ئومۇمىيتىگە «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ كاشلا پەيدا قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلشىغا،ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم،ئاسايىشلىق ئىچىدە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە دەخلى قىلشىغا ۋە بۇزغۇنچلىق قىلشىغا قەتئي يول قويماسلىقى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئىتپاقلىق ،موقۇملۇقنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ،موقۇملۇق-قاتتىق ۋەزىپە ، 1 - مەسئۇلىيەت ، دەيدىغان ئىددىينى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ، مۇقۇملۇقنى قوغداشنى ئەڭ موھىم ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ ، ئاساسىي قاتلام ۋە مۇقۇملۇقنى قوغداشنىڭ 1-سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ،ھەر مىللەت كادىرلار،ئاممىنى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ،ئېجتىمائي،سىياسى ئومۇمىيلىقنىڭ موقۇملىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى لازىم.نۆۋەتتىكى دۈشمەنگە قارشى كەسكىن كۆرەشتە،ھەرمىللەت پارتىيە ئەزالىرى،كادىرلار جەزمەن غەلبە قىلىش ئىشەنچىسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەشنىڭ 1-سىپىدە مەھكەم تۇرۇپ،كۆز قاراشنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، پوزىتسىيەنى ئېنىق ئىپادىلەپ ، خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، كۆرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى،بىر دەرىجىدىكىلەر يەنە بىر دەرىجىدىكىلەرگە سۆزلەپ،بىر دەرىجىدىكىلەر يەنە بىر دەرىجىدىكىلەرنى يىتەكلەپ ئىشلەپ،بىر دەرىجىدىكىلەر يەنە بىر دەرىجىدىكىلەرگە كۆرسىتىپ ئىشلەپ،ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك ئىش ھەركەتلىرى بىلەن ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش،مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم پولات قورغىنىنى ھاسىل قىلىش كېرەك.بىر قولىدا ئىتتپاقلىق،موقۇملۇقنى،يەنە بىر قولىدا ئسلاھات،تەرەققىياتنى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق،بىر قەدەر تېز تەرەققى قىلشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى تېرشىپ ساقلاپ،ئىقتىساد،جەمئيەتنىڭ ھەم ياخشى،ھەم تېز تەرەققى قىلشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
ھەرقايسى پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ،ئىتتىپاقلىق موقۇملۇققا ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.قەشقەردە مۇقۇملۇق خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئورۇن يوق،مۇقۇملۇق خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەم تېخىمۇ يوق.ھەرقانداق تارماق، ھەرقانداق ئورۇن مۇقۇملۇق خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەممىمىزنىڭ يەلكىمىزدە بۇ شەرەپلىك ۋە مۇقەددەس ۋەزىپە بار. ھەردەرىجىلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت ئورگانلىرى،يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى،كوچا ئىش بىجىرىش باشقارمىلىرى، مەھەللە، كارخانا، كەسپىي ئورۇن،مەكتەپ قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ،«تۆتنى بىلىش ، تۆتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۆتنى ئىگەللەش» خىزمەت مىخانىزىمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ،خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ ، يېزا(بازار) ، كەنت ، مەھەللە،كوچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسىغا چۇڭقۇر چۆكۈپ،رايۇنلارغا بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەش ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ، ھەربىر ئائىلىدىكى ھەر بىر ئادەم بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بولغان ئىددىيىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، قورقۇنچنى تۈگىتىپ ، كۆڭۈلنى ئەمىن تاپقۇزۇشى كېرەك. ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، سىياسەت، قانۇننى سۆزلەپ، «ئىتىپاقلىق، مۇقىملىق- بەخت؛ بۆلگۇنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ـــ ئاپەت» دەيدىغان ئاساسى قائىدىنى تەشۋىق قىلىپ، قەشقەرنىڭ ئىسلاھات ـــ ئېچىۋىتىش داۋامىدىكى پارلاق نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا دۈشمەنلەرنىڭ سۈيىقەست، ھىيلە-مىكىرلىرى، رەزىل نىيتى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيتىنى ئېنىق تونۇتۇپ، پىتنە-ئىغىۋا تارقاتماسلىق، پىتنە-ئىغىۋاغا ئىشەنمەسلىك، يامان ئادەملەرنىڭ قۇترىتىشىغا ئۇچراپ كەتمەسلىك، قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلەرگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» بەرپا قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىغا ئەمەلىي، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن خالاس قىلىپ، ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق ئاممنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇقۇملۇقنى قوغداشنىڭ ئاممىۋى ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. ھەردەرجىلىك سىياسى ــ قانۇن تارماقلىرى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، قانۇن- تۈزۈم سۆزلەش ۋە ئىجتىمائى تەرتىپنى تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بىسىملىق ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك. ئاخبارات ئېلىش، چوڭ دېلونى پاش قىلىش، شايكىلارغا زەربە بىرىش، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، يۈرەكلىك ھالدا، ئۇستىلىق بىلەن قاتتىق زەربە بېرىشى، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئىلىپ ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىپ، چوڭ كۆلەملىك، توپلىشىش خاراكتىرلىك ۋەقەلەر ۋە يامان خاراكتىرلىك زوراۋانلىق، تېرورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى، زەربە بېرىش ئارقىلىق تەربىيە بېرىپ، زەربە بېرىش ئارقىلىق تىنىچلىقىنى ساقلاپ، ھەرمىللەت ئاممىسنىڭ بىختەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەردەرجىلىك تەشۋىقات، مەدىنىيەت تارماقلىرى تېلىۋېزۇر، رادىئو، ئېنتېرنت تورى، گېزىت تەشۋىقات قوراللىرى ۋە ئەدىبىيات – سەنئەت شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، ۋىلايەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىىلش، كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىش، كەڭ كۆلەمدە ئەيىبلەش، كەڭ كۆلەمدە تەربىيە بېرىشنىڭ يۇقۇرى دولقۇنىنى تېزلىكتە شەكىللەندۈرۈپ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئىككى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى قەشقەرگە ئىلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەتنى، شەندۇڭ، شاڭخەي،گۇاڭدۇڭ، شىنجىندىن ئىبارەت تۆت ئۆلكە(شەھەر) نىڭ زور كۈچ بىلەن يارىدەم بىرىشى ئارقىسىدا قەشقەردە بارلىققا كەلگەن كەڭ كۆلەمدە قۇرلۇش قىلىش مەنزىرسىنى، قەشقەرنىڭ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تەشۋىق قىلىشى، « ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ ھەرخىل زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ ۋە ئېچىپ تاشلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىسىنىڭ ئىددىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كىرەك.
ھەر دەرجىلىك مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپلىرى ۋە ئوقوتقۇچىلارغا بولغان ئېددىيۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ ، ئۇلارغا «30-ئىيول» زوراۋانلىق تىرورلۇق ۋەقەسىنىڭ خاراكتىرى ۋە زىيىنىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىي ئىقىمىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بارلىق مەكتەپ ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاممىۋى ۋەقەلەر، توپلىشىپ نامايىش قىلىش قاتارلىق ئىجتىمائى مۇقۇملۇققا تەسىر يەتكۈزدىغان ھەركەتلەرگە قاتناشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك. ھەر دەرجىلىك بىرلىك سەپ، مىللەت، دىن ئىشلىرى تارماقلىرى دىنى زاتلارغا بولغان ئىددىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنى زاتلارنىڭ دىنغا ئىشىندىغان ئاممىنى توغرا يىتەكلىشى ئارقىلىق، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇپ، دىنى ئەسەبى كۈچلەر بىلەن قەتئى كۆرەش قىلىپ، ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشى كىرەك. ھەر دەرجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر قايسى كەسىپ، ساھەلەر ئاممىۋى خىزمەتنى ئەستايدىل، پۇختا ئىشلەپ دەرۋازىسىنى چىڭ، ياخشى بىقىپ،ئادەملەرنى ئوبدان باشقۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقۇملۇقىنى قوغداشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كىرەك.
ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقۇملۇقنى قوغدىشى كىرەك. ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان ھە بىر كىشى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى چوقۇم ئاڭلىق ئادا قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، زوراۋانلىق تىرورلۇق ھەركەتلىرىگە بايرىقى رۇشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائى مۇقۇملۇقىىنى ئاڭلىق قوغدىشى كىرەك. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە،«ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ قۇتراتقۇلقىغا پەرۋا قىلماي، مېڭىمىزنى چوقۇم سەگەك تۇتۇپ ، كۆزىمىزنى يوغان ئىچىپ ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ، ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقنى ھاياتىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ، ئىتتىپاقلىق ، مۇقۇملۇقنى چەكسىز سادىقلىق بىلەن قوغداپ ، ھەرقانداق ۋاقىت ، ھەرقانداق ئەھۋالدا مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىغان ئېزىقتۇرۇشى ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي ، دوستنى يىغلىتىپ ، دۈشمەننى كۈلدۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماي ، ئۇيۇلتاشتەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق چىگرا ئىچى ۋە سىرتدىكى بارلىق دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۈيقەستىنى بىتچىت قىلىشىمىز كېرەك.
نۆۋەتتە ، قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى يېڭى مەزگىلدىكى يېڭى باسقۇچقا كىردى ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش دولقۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايۇن ۋە جۇڭگۇنىڭ غەربىدىكى مەرۋايىت بەرپا قىلىشنىڭ ئۇلۇغ نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرماقتا ، كىشىنى ئالغا ئۈندىمەكتە . قارا بۇلۇتلار قوياشنى توسالمايدۇ ، قارا بۇلۇتلار ھامان تارقاپ كېتىدۇ . ئازغىنە بىر ئۇچۇم مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ زوراۋانلىق ، تېرورلۇق ھەركەتلىرى قەشقەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش ، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ، زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇش قەدىمىگە توسالغۇ بولالمايدۇ ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدىغان ، ئىتتىپاقلىقنى قەدرلەيدىغان ، مۇقۇملۇقنى قوغدايدىغان قەھرىمان خەلقنى قورقۇتالمايدۇ . بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى ، پارتىيە مەركىزىي كومتىتى ، گوۋۇيۈەننىڭ توغرا تەدبىر ، ئورۇنلاشتۇرشى ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىشى ، خەلق قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ مۇستەھكەم تېرەك بولۇشى ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور مەدىتى ئاساسىدا ۋىلايىتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىدىغانلا بولساق ، قەشقەر چوقۇم تېخىمۇ ئىتتىپاق ، مۇقۇم بولىدۇ ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىز تېخىمۇ ياخشى ، تېخىمۇ تىز بولىدۇ ، قەشقەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستىراتىگىيلىك نىشانى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ ، قەشقەردىكى ھەرمىللەت خەلقى چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ ، قەشقەرنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ .

